گىرېتسىيەدە كۆچمەنلەر نامايىش ئۆتكۈزدى

گىرېتسىيەدە تۇرالغۇ ياردىمىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئاي ئاخىرىدا ئۆي-ماكانسىزلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن كۆچمەنلەر پايتەخت ئاتىنادا نامايىش ئۆتكۈزدى.

1424988
گىرېتسىيەدە كۆچمەنلەر نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى (UNHCR) يولغا قويۇۋاتقان كۆچمەنلەرگە ياتاق ياردىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پروگراممىنىڭ توختىتىلىشىدىن كېيىن، ئۆي – ماكانسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن كۆچمەنلەر ئاتىنادىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشخانىلىرى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

تەخمىنەن 200 كۆچمەن «بىز تۇرغۇدەك جاي تەلەپ قىلىمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلاش ئارقىلىق ياتاق پروگراممىسىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر