رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بېسىۋېلىش پىلانىنىڭ پەلەستىندە خەۋپلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1421751
رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ،  ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بېسىۋېلىش پىلانىغا قارشى، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ھېچقانداق بىر كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىگە رىئايە قىلمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە تەرەپ ئىسرائىلىيەلىك شېرىكلىرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىن سىرت يەنە، ئەرەب تىنچلىق پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ھەل قىلىش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان بىر تەرەپلىمىلىك پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى توغرۇلۇق كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. دەرۋەقە، بۇ پىلانلار، 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساس قىلىنىدىغان كەلگۈسىدىكى بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشىنىڭ مۇھىم شەرتى بولغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئالاھىدىلىكىنى ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنداق كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرى، پەلەستىن زېمىنلىرىدا خەتەرلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش ئەندىشىسى تۇغدۇرىدۇ. بارلىق تەرەپلەرنى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن ۋە بىۋاسىتە مۇزاكىرىلەرگە توسالغۇ بولۇشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر