يەمەن ساھىللىرىدا ئەنگلىيە پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئەنگلىيە دېڭىز-ئوكيان سودا تەشكىلاتى ئەنگلىيەنىڭ بىر پاراخوتىنىڭ يەمەن ساھىللىرىدا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1419329
يەمەن ساھىللىرىدا ئەنگلىيە پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەشكىلاتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پاراخوت «ئەدەن قولتۇقى» دا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

يەمەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاراخوت ئەنگلىيەنىڭ Stolt شىركىتىگە ئائىت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر