بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 311 مىڭدىن ئاشتى.  يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 700 مىڭغا ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 802 مىڭغا يەتتى.

1418730
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 88 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ،  نيۇ-يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمو كوۋىد -19 غا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىشتاتلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغان قانۇن تەكلىپىنىڭ بالدۇرراق كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپادا 34 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىگە قارىتا پايتەخت لوندوندا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. ھايدې باغچىسىغا يىغىلغان ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان ھەمدە مەركىزى  ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى جېرېمىي كوربىن ۋە «5G بىلەن يۇقۇمنىڭ مۇناسىۋىتى بار»لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىنىسى پىئېرس كوربىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 40 نامايىشچى  نازارەتكە ئېلىندى.

ئىتالىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 153 كىشى ئېشىپ، 31 مىڭ 763 كىشىگە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1883 كىشى تۆۋەنلەپ، 70 مىڭ 187 گە چۈشتى. رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈچلۈك تەلەپلىرىدىن كېيىن يۇقۇمنىڭ ئەگرى سىزىقىنى باھالىغان ھۆكۈمەت، ئىلگىرى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى دەپ جاكارلىغان ئاشخانا، قاۋاقخانا، قەھۋەخانا ۋە دۇئا-تىلاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى 18-مايغا ئۆزگەرتتى.

فرانسىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 96 كىشى ئېشىپ، 27625 كە يەتتى. ئالىي مائارىپ، تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى مىنىستىرى فرېدېرىك ۋىدال، ۋاكسىناغا قارىتا «كوۋىد -19 غا قارشى ۋاكسىنا 18 ئايدىن بۇرۇن تەييار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر