ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ تېببىي بۇيۇم ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئورگىنى رەئىسى پېتې گاينور ، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە يوللىغان تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

1417055
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ تېببىي بۇيۇم ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گاينور ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «تۈركىيەنىڭ 500  دانە يۈزنى ۋىرۇستىن مۇداپىئە قىلىش فارونى، 1500 دانە قوغدىنىش كۆزئەينىكى ، 497 مىڭ 900 دانە ماسكا ۋە 69 مىڭ 330 قوغدىنىش كىيىمى ئۈچۈن مىننەتدارمىز. بۇ ماتېرىياللار، فېدېراتسىيە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ (ۋاشىنگتون DC ، دېلاۋار ، مارىلاند ، پېنسىلۋانىيە ، ۋىرگىنىيە ۋە غەربىي ۋىرگىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئۈچىنچى رايونىغا تارقىتىلىدۇ» دەپ يازدى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى گاينورنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلاشقاندىن كېيىن، فېدېراتسىيە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسىدا تۈرك تىلىدا يېزىلغان «كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!» دېگەن ئۇچۇر ئورتاقلىشىلدى.

ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار فوتو – سۈرەتلەرنىمۇ ئۇچۇرىغا ئىلاۋە قىلغان مەزكۇر ئورگان، ماتېرىياللارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە ، 29- ئاپرېل ۋە 2- مايدا ئىككى ھەربىي يۈك ئايروپىلانى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا داۋالاش بۇيۇملىرى ياردىمى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر