ئامېرىكا رۇسىيەدىن كەلگەن نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان بولدى
ئامېرىكا رۇسىيەدىن يۇقۇمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى قايتۇرۇۋېتىش قارارى ئالدى.
1416724
![ئامېرىكا رۇسىيەدىن كەلگەن نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f8ae/8ae7/0a74/5ebbd82c110f0.jpg?time=1718768207)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاجانتاسى (FEMA) نىڭ باياناتچىسى جانېت مونتېسى، رۇسىيەنىڭ تىببىي ياردەم دائىرىسىدە، ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رۇسىيەدە ئوت كەتكەن دوختۇرخانىلاردىكى ئۈسكىنىلەر بىلەن ئوخشاش مودېللىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى رۇسىيەگە قايتۇرۇۋىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيە فېدېراتسىيەسى سەھىيە نازارىتى ئىدارىسى (Roszdravnador)، سانت پېتىرسبۇرگ ۋە موسكۋادىكى ئىككى دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 6 بېمار قازا قىلغانلىقىنى ھەمدە شۇ ۋەجىدىن دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.