لىۋىيە ئارمىيىسى ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئېغىر زەرربە بەردى

لىۋىيە ئارمىيىسى شەرقتىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىسيانچى رەھبىرى ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلارنى توپقا تۇتتى ۋە 10 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۇجۇقتۇردى.

1415196
لىۋىيە ئارمىيىسى ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئېغىر زەرربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە «غەزەپلىك ۋولقان ھەرىكىتى» ئاخبارات ئىشخانىسى تەرەپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پايتەخت تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل-مەشرۇ رايونىدا ھافتەر قىسىملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتتە، 4 كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ۋە 18 ئۇنسۇر ياكى ياللانما ئەسكەرنىڭ ئۆلۈك ياكى يارىلانغان ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، توپچى قىسىملارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە قورال – ياراق قاچىلانغان بەزى ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭمۇ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ۋە نىشانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەيران قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پايتەخت تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدا لىۋىيە ئارمىيەسى ۋە ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرگە تەۋە قىسىملار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر