ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم چاقىرىقىدا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەرنى 93.4 مىليون دوللار جىددىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

1413890
ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم چاقىرىقىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورگان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ ياردەمنىڭ كەلگۈسى ئۈچ ئاي ئىچىدە ساغلاملىق، شەخسىي تازىلىق، دېزىنفېكسىيە ۋە مائارىپ ساھەلىرىدىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئورگاننىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى، پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ مۇداپىئەسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئورگاننىڭ تاكى يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىس ئاخىرلاشقانغا قەدەر، پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئورگان، 1949-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، غەززە، قۇددۇس، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە سۈرىيەدىكى 5 مىليوندىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مۇساپىرغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكانىڭ 2018-يىلدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنىغا ئىقتىسادىي ياردەمنى ئازايتىشى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر