تۈرك مۇتەخەسسىس تەرەپىدىن ياساپ چىقىلغان ۋاكسىنا ئامېرىكىدا ئىنسانلارغا سىناق قىلىنماقتا

گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك مۇتەخەسسىس پروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن بىيو تېخنىكا شىركىتى «BioNTech» بىلەن شېرىكلىشىپ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد-19) غا قارشى كاندىتات ۋاكسىنا ياساپ چىققان ئىدى.

1411927
تۈرك مۇتەخەسسىس تەرەپىدىن ياساپ چىقىلغان ۋاكسىنا ئامېرىكىدا ئىنسانلارغا سىناق قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد-19) غا قارشى گېرمانىيەدىكى تۈرك مۇتەخەسسىس پروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن قۇرغۇچى شېرىك بولغان بىيو تېخنىكا شىركىتى «BioNTech» ئامېرىكانىڭ «Pfizer» دورا شىركىتى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان كاندىتات ۋاكسىناسىنى ئىنسانلارغا سىناق قىلىشنى باشلىدى.

ئامېرىكانىڭ «Pfizer» دورا شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «BNT162» ناملىق ۋاكسىنانىڭ كىلىنىكىلىق سىناقلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن ئەمدىلىكتە ئامېرىكادا ئىنسانلارغا سىناق قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ ۋاكسىنانىڭ مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتلىرىدىكى سىناق قىلىش ئوبېكتىلىرى ئۈستىدىمۇ سىناق قىلىنغانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، بۇنىڭ ئامېرىكىدىكى دەسلەپكى باسقۇچتا، 18-55 ياش ۋە 65-85 ياش ئارىسىدىكى ئىككى كاتېگورىيە بويىچە 360 ساغلام ئىنسانغا سىناق قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەگەر بۇ سىناقنىڭ 18-55 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولغانلىقى ئېنىقلانسا، 65-85 ياشقىچە بولغان كىشىلەردىمۇ سىناق قىلىنىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلدى.

سىناقتا ۋاكسىنانىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن تەقدىردە، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكادا كەڭ كۆلەملىك تارقىتىلىشقا باشلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر