نىگېرىيەدە دىياگنوز قويۇلالمىغان بىر خىل كېسەللىك كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە «دىياگنوز قويۇلالمىغان بىر خىل كېسەللىك» كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1411779
نىگېرىيەدە دىياگنوز قويۇلالمىغان بىر خىل كېسەللىك كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ جىگاۋا ئۆلكىسىدە «دىياگنوز قويۇلالمىغان بىر خىل كېسەللىك» سەۋەبىدىن 10 كۈن ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

جىگاۋا ئۆلكىلىك سەھىيە ئىشلىرى دىرېكتورى دوختۇر ئاببا زاكارى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتىنىڭ مەزكۇر كېسەللىكنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭ كوۋىد – 19 ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن بالدۇرلۇق قىلىدۇ، ھەيئەت تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلىدى» دېدى.

دۆلەتنىڭ كانو ئۆلكىسىدىمۇ ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا سىرلىق بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن 3 كۈن ئىچىدە 150 ئەتراپىدا ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

نىگېرىيەدە ھازىرغىچە 93 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2802 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر