ھافتەر ۋە ئەسەد ھاكىمىيەتلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ھەمكارلىقى ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىسيانچى لىدېرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق سېلىنما كومىتېتىنىڭ سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1411804
ھافتەر ۋە ئەسەد ھاكىمىيەتلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ھەمكارلىقى ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشاغا تىۋىتتېردىكى رەسمىي ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۆتكەن ئاي مىسىرنىڭ پورت سەئىد شەھىرىدە EGY CROWN ئىسىملىك بىر پاراخوتتا قولغا چۈشۈرۈلگەن بىنغازىغا ئەۋەتىلىىشى ئۈچۈن سۈرىيەدىن يۈكلەنگەن سۈت قۇتىلىرىدىكى زەھەرلىك چېكىملىككە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

زەھەرلىك چېكىملىكلەر يوشۇرۇلغان سۈت قۇتىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىدە ئىسمى بولغان سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە يېقىن بىر سودا – سانائەتچىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن باشاغا، ھافتەرنىڭ ئارمىيە سېلىنما كومىتېتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، لىۋىيە ئارقىلىق بىر ھاۋا ۋە دېڭىز يولى كارىدورى ئېچىپ، قانۇنسىز شەكىلدە كىرىم يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن باشاغا، ئۇچۇرىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىزچىل مالىيە بىلەن تەمىنلىنىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر