ئافغانىستاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى بىر ھەربىي لاگېرغا قىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 3 خەۋپسىزلىك خادىمى ئۆلدى.
1410509
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئۆمەر زۇۋاك، تالىبان ئەزالىرىنى ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ گىرىشك ناھىيەسىنىڭ ياھچال رايونىدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 3 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 6 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تالىبان بولسا ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەقەدە 10 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.