گېرمانىيەدە ساقچىلار ۋىرۇس تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارغا مۇداخىلە قىلدى

گېرمانىيەدە ساقچىلار «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارغا مۇداخىلە قىلدى.

1409383
گېرمانىيەدە ساقچىلار ۋىرۇس تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە بىر گۇرۇپپا كىشى روسا – لىيۇكسېمبېرگ مەيدانى ئەتراپىدىكى لىئىنېن كوچىسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولدى.

مەيدانغا كىرىشلەرنى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنى تاقاپ، كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ساقچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى، ھەمدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە چاقىردى.

ئاگاھلاندۇرۇشلارغا رىئايە قىلمىغانلارغا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلار، كۆپلىگەن نامايىشچىلارنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر