دونالد ترامپ: كوۋىد-19 نىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى كۆردۇم

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) نىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىسىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى كۆرگەنلىكىنى، ئەمما ھازىرچە تەپسىلاتلىرىنى ھەمبەھىرلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1408858
دونالد ترامپ: كوۋىد-19 نىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى كۆردۇم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدىكى «ياشانغانلارنى قوغداش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا كۈن تەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

دونالد ترامپ كوۋىد -19 نىڭ ۋۇخەندىكى بىر تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەققىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنستىتۇتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىگە دائىر سىزنى يۇقىرى دەرىجىدە ئىشەندۇرەلەيدىغان پاكىت كۆردىڭىزمۇ؟» دېگەب سوئالغا  «ھەئە، مەن كۆردۈم» دەپ جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلار بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىدا چىڭ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، دونالد ترامپ «خىتاي بۇنى قەستەن ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن تارقاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەكشۈرگۈچىلىرىمىز ھازىر خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، مەن ھازىرچە سىلەرگە بۇنىڭدىن كۆپ مەلۇمات بېرەلمەيمەن» دېدى.

تىرامپ كوۋىد -19 ۋىرۇسى ۋاباسى مەسىلىسىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆزىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئورگىنىغا ئوخشاش خىزمەت قىلماقتا. بىز ھەر يىلى بۇ تەشكىلاتقا 500 مىليون دوللار ئەتراپىدا پۇل تۆلىسەك، خىتاي پەقەت 38 مىليون دوللار تۆلەيدۇ. بۇنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولىشى مۇھىم ئەمەس. ئىنسانلار قورقۇنچلۇق خاتالىقلارنى سادىر قىلغاندا، بولۇپمۇ دۇنيادىكى يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەب بولىدىغان خاتالىقلارنى  ئۆتكۈزگەندە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا كۆرسىتىدىغان باھانىسى بولمايدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا خىتايغا مىلياردلارچە دوللارلىق مەبلەغ سالغان بىلەن، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ھېچ نەرسە بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «خىتاي بىزگە 10 سېنتمۇ بەرمىدى»دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ نويابىردىكى سايلاملاردا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىغا پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ سايلىنىشىنى ئاززۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي مېنىڭ يەنە بىر قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىمنى خالىمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر