ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو سىياسەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى مايكىل رىيان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

1408136
ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو سىياسەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى مايكىل رىيان ، «تۈركىيەگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان ياردىمى ۋە كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە ناتو ئىچىدە نامايان قىلغان ئۈلگىلىك رەھبەرلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

رىيان تۈرك ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ ياردەمنى پىلانلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيەنىڭ ئىتالىيە ۋە  ئىسپانىيەگە، ئەنگلىيە ۋە بالقان رايونىغا قىلغان ياردىمىگە ئوخشاش ئامېرىكاغا قىلغان ياردىمىمۇ ناتونىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يوليورۇقى بىلەن ئامېرىكاغا ئەۋەتىلگەن تېببىي ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ A400M تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانى تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قونغانىدى.

ساندۇقلاردا 500 مىڭ ماسكا، 400 مىڭ قوغدىنىش كۆينىكى، 2 مىڭ لىتىر دېزىنفېكسىيە دورىسى، 500 يۈز قوغدىغۇچى، 400 دانە N95 تىپلىق ماسكا ۋە 1500 بىخەتەرلىك كۆزئەينىكى بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر