ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئامېرىكاغا تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم بەرگەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى .

1406775
ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلچىخانا تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پۈتكۈل دۇنيادا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتقان كىرىزىس پەيتىدە، ئوخشاش چۈشەنچىلەرنى ئورتاقلىشىۋاتقان ئىتتىپاقداشلار ۋە ھەمراھلار ئارا زىچ ھەمكارلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن  تېرزلىك بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھېچبىرىمىز بۇ كۈرەشتە يەككە ھالەتتە غەلىبە قىلالمايمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى نامىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە، تېببىي لازىمەتلىك ۋە باشقا ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ ياردەمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى كۈچلۈكتۇر، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلاردىن بىرىدۇر.  بۇ ھەقتە ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە  تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئامېرىكا خەلقىگە قىلغان ياردىمى ۋە دوستلۇقى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوپېراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان يۈز ماسكىسى، تۇلۇم،  يۈزنى قوغداش ئۈسكۈنىسى، « N95» تىپلىق ماسكا ۋە تۇلۇم قاتارلىق  تېببىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتكەن، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان « A 400M » تىپلىق يۈك ئايروپىلانى، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققانىدى. 

تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت « A 400M » تىپلىق يۈك ئايروپىلانى ئىلگىرىمۇ ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ماكېدونىيە، قاراتاغ، سېربىيە، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا، ئەنگلىيە ۋە سومالىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى تۇشۇغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر