دۇنيادا 50 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى

دۇنيادىكى توقۇنۇش، زوراۋانلىق ۋە ئاپەتلەر سەۋەبىدىن جەمئىي 50 مىليون 800 مىڭ كىشى دۆلەت ئىچىدە سەرگەردان بولدى.

1406977
دۇنيادا 50 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتابى شىۋېيېتسارىيەگە جايلاشقان دۆلەت ئىچىدە يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلغانلارنى نازارەت قىلىش مەركىزى (IDMC) «ئىچكى كۆچۈش توغرىسىدىكى يەرشارى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا 50 مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ دۆلەت ئىچىدە كۆچمەن بولۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان توقۇنۇش، زوراۋانلىق ۋە ئاپەت قاتارلىق ئامىللارغا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19نىڭمۇ قوشۇلۇىشى بىلەن، بۇ ساننىڭ ئېشىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

دۆلەت ئىچىدە يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلغانلارنى نازارەت قىلىش مەركىزى (IDMC) نىڭ دوكلاتىدا، موزامبىك، مالاۋى، ماداغاسقار، زىمبابۋې، ئامېرىكا، كانادا، باڭلادېش ۋە ھىندىستاندىكى بوران – چاپقۇنلارنىڭ ھەمدە جەنۇبىي سۇداندىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ 2019 – يىلىدا دۆلەت ئىچى كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىندى.

دوكلاتتا، سۈرىيە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئېفىيوپىيەدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر