بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى يوقۇم ئەھۋالى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 203 مىڭ 300 كىشىدىن ئاشتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون 922 مىڭغا يېقىنلاشتى. 837 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئەسلىگە كەلدى.

1405358
بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى يوقۇم ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 52 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن يۇقۇمنىڭ چوڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، نيۇ-يورك ئىشتاتى باشلىقى ئاندرېۋ كۇمو بىر قارارنامە ئېلان قىلىپ، ئىشتاتتىكى دورىخانىلارغا كوۋىد -19 تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەردى.

ئىتالىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 415 كىشى ئېشىپ، 26 مىڭ 384 كە يەتتى. بۈگۈنگە قەدەر ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە 150 دوختۇرمۇ بار بولۇپ، ھەپتە بېشىدا مەملىكەت مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنلارنىڭ سانىدىكى ئاكتىپ تۆۋەنلەش تۈنۈگۈنمۇ داۋاملىشىپ،  680 كىشى تۆۋەنلەش بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغۇچى سانى 105 مىڭ 847 گە چۈشتى.

فىرانسىيەدە كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 369 كىشى ئېشىپ، 22 مىڭ 614 كە يەتتى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1537 كىشى ئېشىپ، 186 مىڭ 358 گە ئۆرلىدى.

بىرازىلىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 346 كىشى ئېشىپ،  4016 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5514 كىشى ئېشىپ، 58 مىڭ 509 غا يەتتى.

ئارگېنتىنادا 186 ئادەم قازا قىلىپ، 3780 كىشى يۇقۇملاندى. 20 - مارتتا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان كارانتىنا مۇددىتى ئۈچىنچى قېتىم ئۇزارتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر