مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىغا قەدەم قويدى

دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار بۈگۈن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) چەكلىمىلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى روزىسىنى تۇتتى.

1404431
مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىغا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل رامىزان ئېيى نۇرغۇن دۆلەتلەردە توپلىشىپ ئىپتار قىلىش ۋە جامائەت ھالىتىدە ئىبادەت قىلىش چەكلىمىلىرى ئاستىدا ئۆتىدۇ.

تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى جامەلەردە جامائەت بولۇپ ئىبادەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى ۋە ئىپتار ئۇچرىشىشلىرىغا ئوخشاش بىر قاتار پائالىيەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان نوپۇسقا ئىگە دۆلىتى ھىندونېزىيەدە دىنىي زاتلار مۆمىنلەرنى ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا چاقىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ كوۋىد – 19 يۈزىسىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە ۋە مەدىنەدىن ئىبارەت مۇبارەك شەھەرلەرگە كىرىش – چىقىشلىرىنى توختاتتى. كەبىدە جامائەت بولۇپ ئىبادەت قىلىش ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىمۇ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلدى.

باڭلادىش دائىرىلىرى جامەگە بارىدىغانلار سانىنى ئازايتىش مەقسىتىدە بەزى چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

2020 – يىلى 24 – ئاپرېلدا باشلانغان رامىزان ئېيى 2020 – يىلى 23 – مايدا ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر