ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى پۈتۈن پاكىتلارنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى يازدى

ئامېرىكا ئاركانساس ئىشتاتىنىڭ پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم كاتتون يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) ىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىگە ئالاقىدار پۈتۈن پاكىتلارنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى يازدى.

1403249
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى پۈتۈن پاكىتلارنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توم كاتون «Wall Street Journal» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، خىتاينىڭ دەسلەپكى يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ ۋۇخەندىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بارغان كىشىلەردە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا تۇنجى يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ ئۇ يەرگە ناھايىتى يىراق بىر رايوندا ۋە بۇ بازارغا بارغانلار بىلەن ئۇچرىشىپمۇ باقمىغان بىر كىشىدە كۆرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

توم كاتون يەنە، ۋىرۇس كۆپ ئۇچرايدىغان پانگولىن ۋە شەپەرەڭنىڭ ۋۇخەن بازاردا سېتىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى ۋە خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بازارغا ئىنتايىن يېقىن جايدا بىردىن تەجرىبىخانىلىرى بارلىقىنىمۇ تەكىتلەپ، ۋۇخەندە شەپەرەڭلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ پەقەت بۇ ئىككى تەجرىبىخانىدىلا ئۇچراشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ ۋىرۇس ئىنستىتۇتى تەجرىبىخانىسىنىڭ كېرەكلىك سەھىيە تەدبىرلىرى ئالمىغانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ۋاھالەنكى يانۋار ئېيىدا تەجرىبىخانىغا ھەربىي خادىملارنى تەيىنلىگەنلىكى ۋە بىخەتەرلىك  كېلىشىمنامىلىرىنى يېڭىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەجرىبىخانىدا ۋىرۇس توغرىسىدا خىزمەتداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان دوختۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن توم كاتون: «ۋىرۇسنىڭ گېن كودى تەرتىپىنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەجرىبىخانىلارغا قولىدىكى پۈتۈن ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنى يوقۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. ۋىرۇسنىڭ گېن كودى تەرتىپىنى ئەڭ دەسلەپ ئېلان قىلغان تەجرىبىخانا بولسا تاقىۋېتىلدى. بارلىق دەلىل پاكىتلار ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىنى كۆرسەتمەكتە. بىراق خىتاينىڭ مەسىلىنى يوشۇرۇش نەيرەڭلىرى سەۋەبىدىن بىز ھەرگىزمۇ كونكېرت ئىسپاتلارغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر