مىسسۇرى ئىشتاتى خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 177 مىڭ 708 گە يەتتى. يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 560 مىڭ 63 تىن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 700 مىڭدىن ئاشتى.

1403328
مىسسۇرى ئىشتاتى خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 44 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 800 مىڭدىن ئاشتى. سېستىرالار ئاقساراي ئالدىدا قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىللىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

ۋاباغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ساقلىق ساقلاش خىزمەتچىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نىيۇ يورك ئىشتاتىنىڭ سېستىرالار بىرلەشمىسى بولسا، ئەزالىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى يېتەرلىك قوغدىنىش ماتېرىياللىرى بولمىغان ئەھۋالدا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ۋە ئىككى دوختۇرخانا ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋاباغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، كىچىك شىركەتلەر ۋە ساقلىق ساقلاش مەركەزلىرىنى قوللاش ۋە تېخىمۇ كۆپ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەقسىتىدە سۇنۇلغان 484 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە خامچوت لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

مىسسۇرى ئىشتاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا دۇنياغا يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىدىن ۋابا ياردىمى رامكىسىدا ئالغان تەخمىنەن 9 مىليون دوللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە: «قايتۇرۇش بېرىشكە مەجبۇر. چۈنكى ئۇ پۇل ئىشچىلار ئۈچۈن ئىدى، دۇنيادىكى ئەڭ باي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى ئۈچۈن ئەمەس ئىدى» دېدى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن تۇنجى ئۆلۈملەر ئېلان قىلىنغان 2020-يىلى 29-فېۋرالدىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇنلا ۋىرۇس بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق سانتا كلارا (Santa Clara) رايونى مەسئۇللىرى كالىفورنىيەدە 6- ۋە 17-فېۋرالدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆيلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر