روبېرت كوچ ئىنستىتۇتى: ۋاكسىنا تېپىلماي تۇرۇپ تۇرمۇش نورمال ئىزىغا چۈشمەيدۇ

گېرمانىيە روبېرت كوچ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لارس شادې، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى تېپىلماي تۇرۇپ تۇرمۇشنىڭ نورمال ئىزىغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1402543
روبېرت كوچ ئىنستىتۇتى: ۋاكسىنا تېپىلماي تۇرۇپ تۇرمۇش نورمال ئىزىغا چۈشمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لارس شادې پايتەخت بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلەت مىقياسىدا يولغا قويۇلغان كوۋىد – 19 تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، «ۋاكسىنىسىز نورماللىشىش بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ، كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردۇق. بىراق ئەھۋال يەنىلا ئېغىر. كۆرۈنۈشكە قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ ئاخىرى يوق، يەنى ۋىرۇس بىر كەتمىدى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى قايتىدىن كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

لارس يەنە، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ئاممىغا ئوچۇق جايلاردا ماسكا تاقاشنى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر