ب د ت ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچتىكى يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن كېيىنكى باسقۇچتا دۇنيادا يېمەك - ئىچمەك  كىرىزىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق  چاقىرىقتا بولدى.

1402415
ب د ت ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچتىكى يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا تۇرۇشلۇق ب د ت يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى تەرىپىدىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يۇقۇمغا قارشى كۈرەش ۋە يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي چېكىنىشىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاجىز ساھەلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، نامراتلىققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن 40 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ب د ت يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندىنىڭ مەسئۇلى گىلبېرت ھوڭبونىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> كىرىزىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تەسىرلىرى يېزا – قىشلاقلاردىكى ئاھالىنى تېخىمۇ كۆپ نامراتلىققا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. بۇ بولسا يەر شارى خاراكتېرلىك پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ھەقىقىي تەھدىت دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، يېزا – قىشلاقلاردىكى ئقىنسانلارغا تېخىمۇ چوڭ ئىنسانىي كىرىزىسلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تېز ھەرىكەت قوللىنىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرەلىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر