ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرى

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى (DMO) ئەگەر ئامېرىكا پارس قولتۇقىدا «خاتالىق» سادىر قىلسا، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1401092
ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى (DMO) غا تەۋە  «Sepah News» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چارشەنبە كۈنى پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالدى.

باياناتتا، «ئامېرىكىلىقلارغا پارس قولتۇقى بىلەن ئومان قولتۇقىدىكى خەلقئارا قائىدىلەرگە ۋە دېڭىز كېلىشىمنامىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى، تەۋەككۈلچىلىكتىن ۋە يالغان ھېكايىلەردىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «ئۇلار چوقۇم شۇنى بىلىپ قىلىشى لازىمكى، ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ رايوندىكى خەتەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئىراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە قىزىل سىزىقىغا تەھدىت دەپ قارىماقتا. سادىر قىلىنغان ھەرقانداق خاتالىققا كەسكىن جاۋاب قاتۇرىلىدۇ» دېيىلدى.

پارس قولتۇقىدا چارشەنبە كۈنى ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىگە تەۋە ھۇجۇمچى كاتېرلار ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە ئۇرۇش پاراخوتىغا يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە جىددىيلىك يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پائالىيىتىگە «خەتەرلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر