ترامپ: ئەگەر خىتاينىڭ كوۋىد-19 دا قەستەنلىكى ۋە  جاۋابكارلىقى بولسا، ئاقىۋىتى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) يۇقۇملۇق ئاپىتىدە قەستەنلىكى ۋە  جاۋابكارلىقى بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەنمۇ يۈزلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1400960
ترامپ: ئەگەر خىتاينىڭ كوۋىد-19 دا قەستەنلىكى ۋە  جاۋابكارلىقى بولسا، ئاقىۋىتى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ كوۋىد -19 خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاقسارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئامېرىكىدا «يۇقىرى پەللىگە» يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاكتىپ سىگناللارنى داۋاملىق كۆرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ئامېرىكىدىكى ئۆلۈش نىسبىتىنى نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۈپ، «بىزنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىمىز گېرمانىيەدىن باشقا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەنگىلىيە، شىۋېيېتسارىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىقلار بار. ئىسپانىيەنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى ئامېرىكىدىن 4 ھەسسە يۇقىرى» دېدى.

دونالد ترامپ خىتايدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆلۈم نىسبىتىدە بىزدىن خېلىلا ئېغىر» دېدى.

دونالد ترامپ خىتاينىڭ يۇقۇملۇق ئاپەتتىكى رولى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئەگەر بۇ بىر خاتالىق بولسا، خاتالىقتۇر. بىراق قەستەنلىكى ۋە  جاۋاكارلىقى بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك» دېدى.

تېكساس ۋە ۋېرمونت شتاتىدىكى بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان دونالد ترامپ، مونتانادا يۇقۇملۇق ئاپەت تەدبىرلىرى دائىرىسدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ جۈمە كۈنى بىكار قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى، ئوخېئو، شىمالىي داكوتا ۋە ئىداھونىڭ 1 - مايدىن ئېتىبارەن سودا ئورۇنلىرىنى تەدرىجىي ئېچىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ مىڭلىغان سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە زاپاسلاشقا باشلىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىپ، سۈنئىي نەپەسلىنىش سىستېمىسى يېتەرلىك بولمىغان مېكسىكاغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر