ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگىتون ، مارىلاند ۋە ۋىرجىنىيە ئىىشتاتىلىرىدا قازا قىلغانلار سانى 20 مىڭغا يەتتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 152 مىڭدىن ھالقىدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 250 مىڭغا يەتتى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 568 مىڭغا يېقىنلاشتى.

1400546
ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگىتون ، مارىلاند ۋە ۋىرجىنىيە ئىىشتاتىلىرىدا قازا قىلغانلار سانى 20 مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكانىڭ پايتەخت ۋاشىنگىتون ، مارىلاند ۋە ۋىرجىنىيە ئىىشتاتىلىرىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 20 مىڭغا يەتتى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ، كوۋىد – 19 ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىش ئېھتىمالى بارلارغا دائىر مۆلچەرىنىڭ 60 بىلەن 65 مىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيەدىكى كوۋىد -1 9 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 22745 كە يەتكەنلىكى، قازا قىلغانلار ئارىسىدىكى 19508 كىشىنىڭ %96.7 ىنىڭ نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ يېتەرسىزىلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 18681 گە؛ كانادادا قازا قىلغانلار سانى 1273 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 30106 گە يەتتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى پېرۇدا قازا قىلغانلار سانى 300 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 13489 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر