دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 95 مىڭغا يېقىنلاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 135564 تىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 94839 دىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 520930 دىن ئاشتى.

1399453
دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 95 مىڭغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا قازا قىلغانلار سانى 3242 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 46 ئادەم كۆپىيىپ، 82341 گە؛ ئىراندا قازا قىلغانلار سانى 4869 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 77995 كە؛ قىبرىستا قازا قىلغانلار سانى 12 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 715 كە؛ رۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 198 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 24490 غا؛ ئۇكرائىنادا قازا قىلغانلار سانى 108 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4161 گە؛ بىلورۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 36 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4161 گە؛ مولداۋىيەدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2049 غا؛ قازاقىستاندا قازا قىلغانلار سانى 16 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 240 قا؛ ئىسرائىلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 131 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 12591 گە يەتتى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنى كوۋىد – 19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقتا قازا قىلغانلار سانى 79 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1415 كە؛ لىۋىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى 35 كە؛ ئالجىرىيەدە قازا قىلغانلار سانى 336 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2160، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 708 گە؛ كۇۋەيتتە يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1524 كە؛ ئومماندا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1019 غا؛ سۇداندا قازا قىلغانلار سانى 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 32 گە؛ نىگېرىيەدە قازا قىلغانلار سانى 11 گە، كوچىغا چىقماسلىق توغرىسىدىكى بۇيرۇققا بۇيسۇنماي ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانى 18 گە؛ مالىدا قازا قىلغانلار سانى 13 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 148 گە يەتتى.

پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 910 غا يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 17 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. مىسىردا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 183 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2505 كە؛ ماراكەشتە قازا قىلغانلار سانى 128 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2251 گە؛ تۇنىستا قازا قىلغانلار سانى 35 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 780 گە يەتتى؛ ئافرىقانىڭ جەنۇبىدىكى لېسوتو ۋە شەرقىدىكى كوموروس بىرلىكىدە ھازىرغىچە يۇقۇم بايقالمىدى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ، چاد ، ئېكۋاتور گۋىنەيىسى ، سان تومې ، ئېرىترىيە ، ماداغاسقار ، رىۋاندا ، سېچېل ، جەنۇبىي سۇدان ، ئۇگاندا ، موزامبىك ، نامبىيە ، گۋىنىيە بىسساۋ ۋە سېررالېئون قاتارلىقلاردا قازا قىلغانلار يوق.

ھىندىستاندا قاتارلىق  423 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 12456 گە؛ پاكىستاندا قازا قىلغانلار سانى 124 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6550 كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر