گېرمانىيە ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىش قارارىنى تەنقىد قىلدى.

1398784
گېرمانىيە ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائاس، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (DPA) گە بەرگەن باياناتىدا، چېگرالاردىن ھالقىپ ھەممە ياققا خىرىس قىلىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، بىر – بىرىنى تەنقىد قىلىشنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى، جۈملىدىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردىن بىرى، يۇقۇم ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش، ۋاكسىنىسىنى تېپىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يېتەرسىز  بولغاندۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشتۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە يۇقۇم مەسىلىسىدە بىخەستەلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاشىنگتوننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر