بىرما ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
بىرما ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) ئاپىتى مەزگىلىدىمۇ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاراكان روھىڭگىيا بىرلەشمىسى (ARU) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر كوۋىد -19 نىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، بىرمانىڭ قوراللىق توقۇنۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا ئاراكان ئۆلكىسىدىكى كەم دېگەندە 7 شەھەردە مىڭلىغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ توقۇلما، ئاساسسىز جىنايەتلەر بىلەن ياكى ھېچقانداق ئەيىبلەنمەستىنلا تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
دوكلاتتا يۇرت - ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلاردا ياكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ يېزىلىرىدا تۇرۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ ئېغىر خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاراكاندىكى بارلىق خەلقلەرنى كوۋىد-19 ئاپىتىگە قارشى قوغداش ھەمدە يالغان ئەيىبلەشلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان بارلىق ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قويۇپ بېرىش، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلىرىدا، كوۋىد-19 ئاپىتىگە قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىش ۋە رايوندىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بىرما ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2017 - يىلى 8 - ئايدىن كېيىن ئاراكاندىكى زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، باڭلادىشتا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن.
ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى.