ۋۇخەن ۋىرۇسى شەرق ئەللىرىدىمۇ سۈرئەت بىلەن تارقالماقتا

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 100 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 700 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 350 مىڭدىن ئاشتى.

1395897
ۋۇخەن ۋىرۇسى شەرق ئەللىرىدىمۇ سۈرئەت بىلەن تارقالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 95، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10095 كە؛ سىنگاپۇردا قازا قىلغانلار سانى 7 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2108 گە؛ ئالجىرىيەدە قازا قىلغانلار سانى 256 گە؛ مىسىردا 135 كە، ماراكەشتە 107 گە يەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا قازا قىلغانلار سانى 47 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3651 گە، بەھرەيىندە قازا قىلغانلار سانى 6 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 917 گە، تۇنىستان يۇقۇملانغۇچىلار سانى 671 گە يەتتى.

چادتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 3200 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر