دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق روھىغا يۇقىرى باھا بەردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرىيۇس، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە نامايان قىلغان خەلقئارا ھەمكارلىق روھىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1395902
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق روھىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادانوم گېبرىيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە قوشنا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە داۋالاش بۇيۇملىرىنى يوللاپ ياردەم قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، «تۈركىيە نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھى پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋاللار بۆلۈمى دىرېكتورى مايك رىيان بولسا، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، بالقان ئەللىرى باشتا بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتكە قىلغان تېببىي ياردىمى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «تۈركىيە ھەردائىم ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى، ھازىرمۇ شۇنداق قىلماقتا. بىر قاتار دۆلەتلەردە تۈرك قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن تونۇشتۇم. مېنىڭچە، تۈركىيە ھەردائىم قىلىپ كەلگەن بىر ئىشنى قىلىۋاتىدۇ ۋە ھەممە بۇ ياردەم ئۈچۈن تۈركىيەدىن مىننەتدار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ يەنە مىليونلارچە مۇساپىر ۋە كۆچمەنگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھىمايىسىز قالغانلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قويۇق ھەمكارلاشقانلىقىنى، يۇقۇم مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەگە ياردەمچى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «شۇنداق، تۈركىيەنى قوللاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر