ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1395214
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇزھۇرماتۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن ئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنسۇپلىرى تۇزھۇرماتۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ھىلەۋە ھەربىي بازىسى ئەتراپىدىكى ھەشدى شەئبىگە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ھەشدى شەئبىدىن 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 كىشى يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان.