ۋۇخەندىن ئونمىڭلارچە كىشى چىقىپ كەتتى

ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) پەيدا بولغان خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 76 كۈندىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ 2020-يىلى 7-ئاپرېل ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن، مىڭلارچە كىشى چىقىپ كەتتى.

1394826
ۋۇخەندىن ئونمىڭلارچە كىشى چىقىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  11مىليون نوپۇسلۇق ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ۋە پويىز ئىستانسىسىلىرىدا، ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەندى. تەخمىنەن 55 مىڭ مىڭ كىشىنىڭ شەھەردىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۈگۈن (9-ئاپرېل) شەھەردىكى تيەنخې ئايرودۇرۇمىدىن بەزى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن 10 مىڭ كىشىنىڭ شەھەردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ۋۇخەندىن شاڭخەي، بېيجىڭ ۋە شېنجىن شەھەرلىرىگىمۇ ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى.

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 81 مىڭ 865 كىشى يۇقۇملاندى، 3 مىڭ 335 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. 77 مىڭ 370 كىشى ياخشىلاندى.

ۋىرۇس پەيدا بولغان ۋۇخەندە 11 ھەپتىدىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن كارانتىن تەدبىرلىرى 7-ئاپرېل ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

خىتاي سەھىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن (2020-يىلى8-ئاپرېل) بايانات ئېلان قىلىپ، 7-ئاپرېل ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى سانەش باشلانغان يانۋار ئېيىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھېچقانداق ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر