ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ، قورقۇنچلۇق سەۋىيەگە يەتتى.

1392766
ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغان ۋە 88 دوختۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 636  كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 16 مىڭ 523 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 133 مىڭغا يەتتى.

فىرانسىيەدە بولسا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 8 مىڭ 911 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 98 مىڭ 10 غا يەتتى، 17 مىڭ 250 كىشى ساقايدى.

ئەنگلىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 مىڭ 373 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 51 مىڭ 608 گە يەتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 347 مىڭغا يەتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مۇنداق دېدى: «دۈشمەن بىلەن ھەممە تەرەپتە ئېلىشىۋاتىمىز، 3 مىڭ سەھىيە خادىمىمىز <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان نىيۇ يوركقا ئەۋەتىلدى،مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس بىلەن بىرلىكتە پات – پات دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر