ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا بومبا قويۇپ بەردى
ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى يەمەن ھۇسىيلىرىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرا شەھىرى سەداغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1391146
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىيرە» تېلېۋىزىيەسى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەدا ۋىلايىتىگە قاراشلىق رازىھ ناھىيەسىنىڭ بەنى سەيياھ رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى، ۋەقەدە بىر ئائىلىدىن ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.