ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭ 95 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 245 مىڭ 273 كە يەتتى.

1390599
ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكادا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئاز زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى 21 مىڭ سەھىيە خادىمى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان نىيۇ يوركتا خالىسانە ۋەزىپە ئۆتەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيو نيۇ يوركلۇقلارنى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، سىرتقا چىققاندا يۈزلىرىنى يېپىشقا چاقىردى. ، پرېزىدېنت دونالد ترامپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا، 6 شىركەتنىڭ نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىشلىرىنىڭ ئالدىدىكى توساقلارنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بۇيرۇدى. تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرتىشىدىمۇ ۋىرۇن بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى بايقالدى.

ترامپ، ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ماسكا تاقاش - تاقىماسلىققا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ماسكا تاقاش ھەققىدە قارار چىقىرىمىز، خالىغان كىشىلەر ماسكا تاقىسا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا يۈزنى شارپا بىلەن يېپىش ياخشىدۇر.»

ئىتالىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋاپات بولغان 760 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ 13 مىڭ 915 كە يەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىلى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، ياۋروپانىڭ نۆۋەتتە ئىتالىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەمىشە بۇنداق بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ رىم ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىدى. ئۇ، ئىتالىيەدە چىقىدىغان «‹ La Repubblica› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى ئىچىدىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەسلىدە بۇ كىرىزىس باشتىلا چۈشىنىپ يېتىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن، ھەممە ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل ئىدى.»

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 53 مىڭ 245 كە، يۇقۇملانغانلار سانى بىر مىليون 16 مىڭ 793 كە يەتتى.

ئىسپانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10 مىڭ 348 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 112 مىڭ 65 كە يەتتى.

فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋاپات بولغان 471 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 4 مىڭ 503 كە يەتتى.

فىرانسىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيەنىڭ باركھانا ھەرىكىتى دائىرىسىدە ساھېل رايونىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان 4 ئەسكەر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان، ئۇلاردىن 3 ى فىرانسىيەگە كەلتۈرۈلگەن. پايتەخت پارىژغا جايلاشقان رۇنگىس خەلقئارا بازىرىدىكى بىر ئىسكىلات، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن جەسەت ساقلاق ئىسكىلاتىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

گېرمانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1107 گە، يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغان  5478 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ 84 مىڭ 794 كە يەتتى. دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۆلكە باۋيېرا بولدى.

گوللاندىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1339 غا، يۇسا 14 مىڭ 697 گە يەتتى.

ئەنگلىيەدە ئۆلگەنلەر سانى 3 مىڭ 605 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 33 مىڭ 718 گە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 173 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىڭ 132 گە يەتكەن كانادادا، سەھىيە ئورۇنلىرىدا 65 مىليون « N95» تىپلىق ماسكا بىلەن تىببېي قوغدىنىش ئۈسكۈنلىرىگە ئېھتىياج بارلىقى، يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە پەقەت 11 مىليون ماسكىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەركەزلەرگىلا تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋسترالىيەدە تۇنجى ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلگەن يانۋار ئېيىدىن بۇيان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 27 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىڭ 314 كە يەتتى.

لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان بىرازىلىيەدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 327 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىڭ 66 گە يەتتى.

ھازىرغىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 55 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1414 كە يەتكەن پېرۇدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە،  ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ،  ئوخشىمىغان كۈرلەردە سىرتقا چىقىشى قارارلاشتۇرۇلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى، بېلگىيەدە 1011 گە، شىۋېتسارىيەدە 536 گە، پورتۇگالىيەدە 209 غا، ئاۋسترىيەدە 158 گە، دانىيەدە 123 كە، رومېنىيەدە 116 گە، فىلىپپىندا 107 گە، ئىرېلاندىيەدە 98 گە، پولشادا 57 گە، گىرېتسىيەدە 53 كە، مېكسىكادا 50 كە، نورۋېگىيەدە 50 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر