ئىران: ئۇرۇشنى قوزغىغۇچى تەرەپ بولمايمىز، قوزغىغانلارغا ساۋاق بېرىمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشنى قوزغىغۇچى تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداق قىلغۇچىلارغا ساۋاق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1389819
ئىران: ئۇرۇشنى قوزغىغۇچى تەرەپ بولمايمىز، قوزغىغانلارغا ساۋاق بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىراننى رايوندىكى ئۆزىگە قاراشلىق ۋاكالەتچى كۈچلەردىن پايدىلىنىپ ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا تىۋىتتېر ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ترامپنى ئىران ھەققىدە خاتا يۆنىلىشكە باشلىماقچى بولغانلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراننىڭ ۋاكالەتچى كۈچلەرگە ئەمەس، دوستلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن زەرىف، ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا خىتاب قىلىپ، «دونالد ترامپ، ھەردائىمقى ئۇرۇش مەستانلىرى تەرىپىدىن قايتىدىن خاتا يېتەكلەنمە. ھېچكىم مىليونلارچە ۋەكىل كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ» دەپ يازدى.

زەرىف ئۇچۇرىدا، «ئىران، يوشۇرۇنچە ھىيلە ئىشلىتىدىغان، يالغان ئېيتىدىغان ۋە سۇيىقەستلەرنى قىلىدىغان ئامېرىكانىڭ ئەسكىچە، پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلماقتا. ئىران ھېچقانداق ئۇرۇشنى قوزغىمايدۇ، ئەمما، ئۇنى قىلغانلارغا (ئۇرۇشنى قوزغىغانلارغا) ساۋاق بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار ۋە قانائىتىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە خۇپىيانە ھالدا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا. ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسا، ئىران ھەقىقەتەن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر