دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دېرىكتورى گېبرېيۇس يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا دۇچ كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1389610
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دېرىكتورى گېبرېيۇس يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا دۇچ كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەن كېسەللىكنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېدى.

گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋەھىمىلىك بىر كارتىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىر مىليون يۇقۇملانغۇچى ۋە 50 مىڭ قازا قىلغۇچىلار سانىغا يېتىمىز» دېدى.

«دۇنيا ئەزەلدىن بۇنداق تارقىلىشچان كېسەلگە يولۇقۇپ باقمىغان. بۇ نامەلۇم ۋە خەتەرلىك بىر ۋىرۇس. مەن كېسەللىكنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېگەن گېبرېيۇس، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ««بۇ ھېلىھەم ئىنتايىن يېڭى بىر ۋىرۇس بولۇپ، ھەر كۈنى ئۇنى تونۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە بىزنىڭ تەۋسىيەلىرىمىزمۇ تەرەققىي قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر