ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشماقتا

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 743 كىشى ئېشىپ 6 مىڭ 820 گە يەتتى.

1384808
ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 743 كىشى ئېشىپ 6 مىڭ 820 گە يەتتى. دۆلەتتە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىققانلارغا 3 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇش قارار قىلىندى.

ئىسپانىيەدە 3 مىڭ 434 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 24 سائەت ئىچىدە 6 مىڭ 584 كىشى ئېشىپ 39 مىڭ 673 كە چىقتى.بۇ ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋە كىشىلەر ئەڭ كۆپ جېنىدىن ئايرىلغان بىر كۈن بولۇپ قالدى. بەزى ساناتورىيەلەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ قېچىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ياشانغان بېمارلار كارۋىتىدا ئۆلۈك ھالدا تېپىلىشتەك تىراگېدىيەلەر يۈز بەردى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ناتودىن تىببىي ياردەم تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيەدە بىر كۈندە سائىتىگە 10 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 240 كىشى ئېشىپ 10 مىڭغا يەتتى. مۈلۇزى (Mulhouse) شەھىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىلاردا كارۋات يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بەزى بېمارلارنى ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن باشقا شەھەرلەردىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكىدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا مۇقىملىق پىلانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ %79 ىنى 75 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ۋىرۇسنىڭ 64-45 ياشلار ئارىسىدىكى كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   

گوللاندىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 63 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ دۆلەتتە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 276 گە چىقتى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 149 غا، يۇقۇملانغانلار 31 مىڭ 554 كە چىقتى. بەزى ئىشتاتلاردا سىرتقا چىققانلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە 25 مىڭ ياۋروغىچە ئۆرلىتىلدى.

بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 5 مىڭغا يېقىنلاشتى.ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 422 گە، يۇقۇملانغانلار 8 مىڭغا يەتكەن ئەنگلىيەدە، ھۆكۈمەت لوندوندىكى بىر يەرمەنكە مەركىزىنى 4 مىڭ ياتاقلىق ۋاقىتلىق دوختۇرخانىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە چاقىرىلغان پېنسىيونىر ياكى ئىستېپا بەرگەن دوختۇر ۋە باشقا سەھىيە خادىملىرىنىڭ تەخمىنەن 12 مىڭى، بۇ چاقىرىققا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردى.

ئەنگلىيەنىڭ ۋەلىئەھدى شاھزادىسى چارلېسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 30 غا چىققان ئاۋستىرىيەدە، 30 مىڭ 500 كىشى تەكشۈرۈلدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىڭ 282 گە چىقتى.

پولشادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 12 گە، يۇقۇملانغانلار 927 گە، چېخىيەدە ئۈچكە، يۇقۇملانغانلار 497 گە چىقتى.

بېلگىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 688 كىشى ئېشىپ 4 مىڭ 937 گە، جېنىدىن ئايرىلغانلار بولسا، 56 كىشى ئېشىپ 178 گە يەتتى. دۆلەت مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان كىشى 2 مىڭ 308 گە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 474 بېمار جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا.

شىۋېيتسارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 135 كە، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان كىشى سانى 10 مىڭ 171 گە چىقتى.

ۋاتىكاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۈچ كىشى ئېشىپ تۆتكە چىقتى.

سېربىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 303 كە، جېنىدىن ئايرىلغانلار تۆتكە چىقتى. سېربىيە مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى برانىسلاۋ بلازىج (BranislavBlazic) نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈنگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان قاراتاغدا، يۇقۇملانغانلار 52 گە چىقتى. تۈنۈگۈن (2020-يىلى 24-مارت) قاراتاغنىڭ تۇزى شەھىرىدە 15 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، شەھەردە سىرتقا چىقىش چەكلەندى. 15 مىڭ نوپۇسلۇق شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا، ساقچىلار ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ۋە تۇزىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭلا شەھەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 168 گە، جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچكە چىققان بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا، تۈنۈگۈن (24-مارت) پايتەخت سارايېۋودا جېنىدىن ئايرىلغان بېمار داۋالانغان دوختۇرخانا تاقالدى. دوختۇر ۋە خىزمەتچىلەر كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

كىرودىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار 36 كىشى ئېشىپ 418 گە چىقتى. لىتۋانىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۈچ كىرودىيە ئەسكىرىدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ۋېنگرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 226 گە، شىمالىي ماكېدونىيەدە 177 گە، ئالبانىيەدە 146 گە، كوسوۋۇدا 63 كە چىقتى.ۋېنگرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 10 غا چىقتى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 797 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 55 مىڭ 222 گە يەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر (Mark Esper) ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ توختىشىغا 10-8 ھەپتە كېتىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىدە بەزى ھەربىيلەرنىڭ ئائىلىلىرى بولۇپ 321 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەڭ ناچار ئەھۋالنىڭ ئاپرېل (2020) ئېيىدا يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. نىيۇ يوركتا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئۈنۈم بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار بىر دورا سىناق قىلىنىشقا باشلاندى.

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋادوردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 27 گە، يۇقۇملانغانلار 49 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 378 كىشى يۇقۇملانغان كولومبىيەدە 2020-يىلى 13-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان ئومۇمىيۈزلۈك كارانتىن قىلىش بۈگۈن (25-مارت) باشلاندى.

ئاۋستىرالىيەدە يەتتە ۋە توققۇز ياشلىق ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 138 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، بۇ سان 2317 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانى 205 كە چىققان يېڭى زېلاندىيەدە، ۋىرۇسقا قارشى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر