ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراننىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىراقتا  بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيەدە ئىرانغا ئائىت ئۈچ ھەربىي نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلدى.

1377100
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراننىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇكەمال ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىرانغا ئائىت «ئىمام ئەلى ھەربىي بازىسى»، سانايى ۋە ھىزام رايونلىرىدكى ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغان.  ھۇجۇمدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتالمىش 2 قومانداننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن.

بەزى مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى ۋە بۇ ئارمىيەگە قاراشلىق تېررورچى گۇرۇپپىلار تۇرۇۋاتقان ھەربىي بازىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىدىن كېيىن 25 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن، ئونلارچە تېررورچى يارىلانغان. يېرىم كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان بومباردىماندا ئۆلگەنلەر ئارىسىدا، ئىراقلىق ھەيدەرىييۇن گۇرۇپپىسىنىڭ ئاتالمىش قوماندانلىرىدىن ۋىسام تۇفەيلى، پاكىستانلىق تېررورچىلاردىن تەشكىل تاپقان زەينەبىييۇن گۇرۇپپىسىنىڭ ئاتالمىش قوماندانلىرىدىن ئەلى زەھبەندەرمۇ بار ئىكەن.  

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك مايلېس كاگگىنس، تۈنۈگۈن كەچتە ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى جايلاشقان «تاجى لاگېرى» نىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بولسا،  ھۇجۇمدا ئىككى ئامېرىكالىق، 1 ئەنگلىيەلىك ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 11 كىشىنىڭ  يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا مەلۇمات  بەرگەن دائىرىلەر،  بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىرانغا يېقىن گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر