غەرب دۆلەتلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈش ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشماقتا

مادرىدتا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) سەۋەبىدىن ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر كۈندىلا بىر ھەسسە ئاشتى.

1375366
غەرب دۆلەتلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈش ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى تۈنۈگۈن يەنە 97  كىشى ئېشىپ، 463 كىشىگە يەتتى.

ئىتالىيەدە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 8000 غا ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 800 گە يەتتى.

باش مىنىستىر جۇسېپپې كونتې ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە، كىشىلەرنىڭ بەك زۆرۈر بولمىسا، سىرتتا ئەركىن ئايلىنىپ يۈرۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز پۈتۈن دۆلەتنى قىزىل رايون ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ئىسپانىيەدە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن مادرىدتا، بىر كۈن ئىچىدە ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر ھەسسە ئاشتى. يۇقۇملانغان بىمارلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەسلىدىكى 8 دىن 16 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئەسلىدىكى 202 دىن 469 گە كۆپەيدى.

ئىسپانىيە مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. باش مىنىستىر پېدرو سانچېز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى» نى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئاممىنى تەمكىنلىككە، ئىتتىپاق بولۇشقا چاقىردى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتتى. مەدەنىيەت مىنىستىرى فىرانك رىستېر يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر فىرانك رىستېردا ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېيىن ۋېستفالىيە ئىشتاتىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 2 كىشى ئۆلدى. گېرمانىيەدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

ئەنگىلىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 319 كە يەتتى.

شىۋېيتسارىيەدە 369 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە  2 كىشى قازا قىلدى.

گوللاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 321 گە، شىۋېتسىيەدە 252، بېلگىيەدە 239، ئاۋىستىرىيەدە 131، گىرېتسىيەدە 84، دانىيەدە 59، چېخىيەدە 32 ۋە پولشادا 16 گە ئۆرلىدى.

پورتۇگالىيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 32 گە كۆپەيدى، 71 ياشلىق پرېزىدېنت مارسېلو رېبېلو دې سۇسا ئىككى ھەپتە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي پروگراممىلىرىنىڭ ھەممىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدە پرېزىدېنتنىڭ ساق - سالامەت چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) دىمۇ تۇنجى قېتىم بىر خادىمدا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئامېرىكانىڭ 35 ئىشتاتىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 500 دىن ئېشىپ كەتتى. 21 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلدى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 77 گە چىقتى.

جەنۇبىي قىبرىس رۇم  ھاكىمىيىتىدىمۇ تۇنجى قېتىم  ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي قىبرىستا بىرسى ئىتالىيەدىن، يەنە بىرسى ئەنگلىيەدىن قايتىپ كەلگەن 2 كىشىدە  ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ، تۇنجى قېتىم گېرمانىيەلىك بىر ئايال ساياھەتچىدە  ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر