ئامېرىكادا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1374977
ئامېرىكادا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
los angeles Turk askerine destek1.jpg
los angeles Turk askerine destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانېخېيم رايونىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك كومىتىتى بىلەن تۇركا جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن، سۈرىيە – ئامېرىكا بىرلەشمىسى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن نامايىشقا يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى.

رايوندا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ نامايىشغا سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر ۋە ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارمۇ قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئىدلىب سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى.

تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنى كۆتۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، «تۈركىيەنى قوللايمىز»، «ئەسەدنىڭ قەتلىئاملىرىغا خاتىمە بېرىلسۇن»، «ئويغان ئامېرىكا، تۈركىيەنى قوللا» ۋە «رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ئىشغالىغا خاتىمە بېرىلسۇن» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى، تۈركىيەنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى.

تۈركىيەنىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسولى جان ئوغۇز بۇ يەردە سۆز قىلىپ، «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يىللاردىن بۇيان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەمچى بولۇۋاتىمىز؛ بۈگۈنمۇ بۇ يەردىكى سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىزگە ۋە ئىدلىبتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن يىغىلدى. بۇ كارتىنىنى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن خۇشالمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر