شىمالىي كورېيە 3 دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز (ياپون دېڭىزى) دا قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1374422
شىمالىي كورېيە 3 دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي ھامگيوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق سوندوك رايونىغا يېقىن جايدا، 3 دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان.

بۇنىڭ كۆپ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىغا چېتىشلىق مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىر ئېگىزلىكنى بويلاپ، 200 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۈرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. بىراق، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

شىمالىي كورېيە 2 - مارتتىمۇ 2 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر