بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيتى: «ئىدلىب كېلىشىمى» ناھايىتى مۇھىم

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيتىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىئېتتا فورې تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ رايوندىكى بالىلار ۋە ئائىلىلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1373866
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيتى: «ئىدلىب كېلىشىمى» ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فورې، ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۈرىيە زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ رايوندىكى بالىلار ۋە ئائىلىلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، سۈرىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى دائىرىلىرىدىن دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمدە بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، پەقەت ئىدلىبتىكىلا ئەمەس، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك دائېش ئەزالىرىنىڭ ئائىلىلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيەنىڭ ھاسەكى ۋىلايىتىدىكى «<ھول> مۇساپىرلار لاگېرى» دىكى مەكتەپتە ئوقۇمايۋاتقان ۋە رادىكال ئىدېئولوگىيەلەرگە ئاساسەن يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر