ئامېرىكانىڭ تۇنىس ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنىس ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا موتوسىكلىتلىق بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

1373495
ئامېرىكانىڭ تۇنىس ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موتوسىكلىتلىق بىر ئادەم بومبا پايتەخت تۇنىستىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.

تۇنىس تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا ئائىت ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدا پارتلاش مەيدانغا كەلگەن.

ھۇجۇمدىن كېيىن، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ- كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر