ترامپ تالىبان رەھبىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تالىبان رەھبەرلىرىدىن موللا ئابدۇلغېنى بۇرادەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1371916
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ مارىلاند ئىشتاتىغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئاقسارايدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تالىباننىڭ سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بۇرادەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۇق. ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، زوراۋانلىقتىن يىراق تۇۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىگە قارايمىز.»