لىۋىيەدە ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنىڭ قىسىملىرى چېكىندۈرۈلدى

لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنىڭ قىسىملىرىنى چېكىندۈردى.

1369696
لىۋىيەدە ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنىڭ قىسىملىرى چېكىندۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق مىلىتانلارنىڭ پايتەخت تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىغا قىلغان راكېتا ھۇجۇمىدا، 10 ياشلىق بىر بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 4 ئادەم يارىدار بولدى.

تىرابلۇستىكى پانوراما تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرگە قاراشلىق مىلىتانلار تۈنۈگۈن كەچتە تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى تارىق ئەششۇق رايونىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

راكېتامىيوت بىر ئۆيگە چۈشۈپ، 10 ياشلىق بىر بالا قازا قىلغان ۋە ئائىلىدىن 4 كىشى يارىدار بولغان> ھۇجۇمدا، ئۆي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ ئېتىراپ قىلىنىدىغان لىۋىيەنى قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرگە تەۋە 23 مىلىتاننىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ۋە 4 مىلىتاننىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «غەزەپلىك ۋولقان» ھەرىكىتى باياناتچىسى مۇستافا ئەل مەجىي پايتەخت تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلاردا خافتەر قوراللىقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ (UMH) قىسىملىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇستافا ئەل مەجىي UMH قىسىملىرىدىن 9 ئەسكەرنىڭ توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر