ئامېرىكا ئىراننى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، پۈتكۈل دۇنيانى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى – كوۋىد-19) توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىرانغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1366443
ئامېرىكا ئىراننى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو پايتەخت ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىران تۈزۈمىنىڭ دۆلەتتىكى يېڭى تىپتىكى كورونا ۋىرۇسىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم تەپسىلاتلارنى يوشۇرۇشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا. بۇ مەسىلىدە ئۇچۇر يوشۇرۇشنىڭ ئەجەللىك بەدەللىرى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ ۋىرۇس تۈپەيلى كۆرۈلگەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى جەھەتتە خىتايدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پومپيو، تېھراننى «كورونا ۋىرۇسى بىمارلىرى ۋە ئۆلگەنلەر سانىنى يوشۇرماي، ئەمەلىيەتنى بايان قىلىش»قا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر