رۇھانى، ئامېرىكا، ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، «بىز ئۇرۇشقا قارشى، ئامېرىكالىقلارنىمۇ ئۇرۇش قىلىشنىڭ كۇيىدا ئەمەس، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

1360912
رۇھانى، ئامېرىكا، ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھران مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، بەسرە قولتۇقىدا يۈز بېرىدىغان بېرىدىغان بىر ئۇرۇشنىڭ ھەممىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «رايوندىكى بىر ئۇرۇش ھەممىگە زىيانلىق. ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيى، قاتار ۋە كۇۋەيت (قايسىلا بولسۇن) پەرقى يوق، ھەممە بۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ. ھېچبىر دۆلەت ئۇرۇشتىن پايدا ئالالمايدۇ... بىز ئۇرۇشقا قارشى، ئامېرىكالىقلارنىمۇ ئۇرۇش قىلىشنىڭ كۇيىدا ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئامېرىكالىقلار ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىگە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھۆرمەتلىك ترامپمۇ سايلامدا غەلىبە قىلىشنىڭ كۇيىدا (بولغاچقا) بارلىق سىياسەتلىرىنى بۇنىڭغا قاراپ يۈرگۈزۈۋتىدۇ. ترامپ، ئۇرۇشنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھەسەن رۇھانى، ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارىسىدا يوشۇرۇن سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن سۆھبەتلىرىمىز ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ھەم دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ھەم ئەمەلدارلار ۋاسىتىسىدە داۋام قىلىپ كەلدى» دېدى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، رىيادنىڭ پاكىستان، ئىراق ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تېھرانغا قاراشلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «سەئۇدى ئەرەبىستان تەييار بولغاندا ئارىمىزدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ. رايونىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەمەندۇر. يەمەندە ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم يەمەن خەلقى قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر