ئامېرىكاغا ئۆتمەكچى بولغان 29 مىڭ كۆچمەن قولغا ئېلىندى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن يولغا چىقىپ قانۇنسىز يوللار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان تەخمىنەن 29 مىڭ تەرتىپسىز كۆچمەن مېكسىكادا قولغا ئېلىندى.

1360060
ئامېرىكاغا ئۆتمەكچى بولغان 29 مىڭ كۆچمەن قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئەسى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا قانۇنسىز يوللار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 29 مىڭ 200 كۆچمەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى نويابىردا 32 مىڭ 514، دېكابىردا بولسا 32 مىڭ 857 كىشى قولغا ئېلىنغان ئىكەن. تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھوندۇراس، ئەلسالۋادور ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى مېكسىكا چېگراسىدا توختىتىپ تۇرۇش توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

ئامېرىكا ۋە مېكسىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «مېكسىكادا قېلىڭ» كېلىشىمى دائىرىسىدە، بۇ دۆلەتتىن ئامېرىكاغا كۆچۈش توغرۇلۇق ئىلتىماس سۇنغان ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ، ئىلتىماس ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولغانغا قەدەر چېگرا شەھىرى تىجۇئانادا تۇرۇشى پىلانلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر